تىرىشقىن بىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
  • لاي سۇ ئىچكەن دادام

    ۋاقتى: 2017-02-15 ئاۋاتلىقى: 32 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بالام، يىقىننىڭ ياقى مىجەزىم يوق، دوختۇرخانىغا بارسام بىر توقاي ئوكۇلنىڭ گىپىنى قىلدى. يىنىڭدا پۇل بولسا 100 يۈەن ئاچىقىپ بىرەلەرسەنمۇ؟ - نىمە دىدىڭا؟ 100 يۈەن؟ مېنىڭ ھەممە نەرسەم سىتىقتا تۇرسا دادا، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ئالغان مائاشى گىلىمىزدىن ئاشمايدۇ. خاپا بولما ھە، بىرسى كىرىپ قالدى ئىشخانىغا، كىيىن ئۆزەم تىلىفۇن قىلاي ھە ،شۇنداق بولسۇن خوش. دادامنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىمايلا تېلىفۇننى جاققىدە قويىۋەتتىم، 100 يۈەن دىگەن بوش پۇلمۇ ھازىر، كەچكىچە پۇللا دەيدىكەن( بىرەر قىتىم پۇل بەرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن). خىزمەتتىن چۈشۈپ ئارزۇلۇق بالامغا يول ياقىسىدىكى تاللا بازىردىن ئەللىك نەچچە يۈەنلىك قۇۋۋەت تالقىنى ئالدىمدە ،قايسىدۇر كىلاسسىك مۇزىكىغا غىڭشىغىنىمچە ۋەلسىپىتنى يەر ئاستى ئۆيىگە جايلاشتۇرۋىتىپ ،بالامنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك توۋلىغانچە ئۆيگە قايتىپ كىردىم بالام پۈتۈن د...
  • تەرمىلەردىن بىر شېئىر (قىيدىما)

    ۋاقتى: 2017-02-11 ئاۋاتلىقى: 64 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    قىيدىما سەن ئۈچۈنلا يارالغان دۇنيا يوقتۇر قىيدىما، ھەممە ئادەم ئۆزغىمى غەمخاھ يوقتۇر قىيدىماـ ھاياتلىققا ھەممىمىز جاۋابكارمىز تەڭمۇ تەڭ، اللە پەقەت سىنىلا ياراتمىغان قىيدىماـ سەن قىيدىساڭ دوسلۇرۇڭ يول قويىدۇ بىر قىتىم، پەقەت ئۆكتەملىكىڭگە قول قويىدۇ بىر قىتىمـ قىلىۋەرسەڭ ئۆكتەملىك يەپ قالىسەن دەككەڭنى، يول قويغاننى قەدىرلە يول قويمىسا قىيدىماـ ئاتاڭ سالغان شەھرىڭ يوق دائىم گىپىڭ ئاقارغا، سىنىڭ ئەمەس ئاي قۇياش خالىغاندا ياقارغاـ دوسلارغا بول سەمىمىي ئۇ ئاش ئەتسە تەمەچ تەر، مەن دىگەندەك بولمىدى دەپ ئويلىساڭ قىيدىماـ سەن ئويلايسەن ھەمىشە ئۇلار دوستۇم ئانامغۇ، ئىغىرىمنى كۆتەرسۇن چۈنكى ئاچام ئاكامغۇـ پۇتى بىلەن ماڭغاننى يۆلەپ قويۇش تەس ئەمەس، مىنىۋىلىپ گەردەنگە چۈشكىن دىسە قىيدىماـ دەيسەن مىنىڭ رايىمغا باقماس دوسلار نى...
  • كەلگۈسى 10يىلدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا نىمىلەرگە تاينىش كىرەك

    ۋاقتى: 2017-02-10 ئاۋاتلىقى: 21 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تىرىشقىن بىلوگىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئوقۇرمەن بۇ تىما ئالىپ تورىدا tanha8828 ئىسىملىك توردىشىمىزدىن يوللان گەرچە بۇ تىمىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ قىممىتى ۋە جەمىيەتتە بولغان تەسىرى چوڭ يەنە قايتا ئوقۇپ تەپەككۇرىمىزنى ئويغۇتۇپ بىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ ياخشى تىما ماقالىلەر بىسلىپ قالمىسۇن (تىرىشقىن) . موتوروللا شىركىتى V8088 تىپلىق يانفوننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن مەست بولۇپ ھۇشيارلىقىنى يوقاتقاندا، كىممۇ نوكىيانىڭ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئويلىغان؟ 2. نوكىيا شىركىتى دىققىتىنى تېخىچە تۆۋەن قاتلام بازاردىن ئۈزمىگىنىدە، كىممۇ ستېۋ جوبسنىڭ ئالمىسىنىڭ قىستۇرۇلۇپ كىرىپ، تېزلىكتە بازارنى ئىگىلەپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان؟ 3. ئالما تېلېفونى سالاھىيەتكە ۋەكىللىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغاندا، كىممۇ سامسۇڭنىڭ ئېمپىرىيەگە ئايلىنىدىغانلىق...
  • بۇ يۈرەك (شېئىر)

    ۋاقتى: 2017-02-10 ئاۋاتلىقى: 57 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يارۇ- جانان دەردىدە  ئاھ، بولدى خۇمدان بۇ يۈرەك، يىغلىدى زار، قىلدى نالە، چەكتى ئەبغان بۇ يۈرەك، ئىشىق چۆلىدە مەشرەبىدەك قىلدى ئىسيان بۇ يۈرەك، بۇلبۇلى بىچارىدەك گاھ يىغلىدى قان بۇ يۈرەك، كەزدى گاھى بوپ قەلەندەر دەشتى ھېجران، بۇ يۈرەك، بولدى سۇلغۇن گۈل- چىمەنلەر ئىچرە رەيھان بۇ يۈرەك. كەلمىدى ئاھ، سۈرتكىلى ياشىنى چۆللەردىن بوران، كەلمىدى يا بىلگىلى دەردىنى تاغلاردىن تۇمان، كەلمىدى ياكى سوراپ ھالىنى باغلاردىن خازان، كەلمىدى يار، ياكى تەندىن چىقمىدى بۇ خەستە جان، ئول پىراقنىڭ خەنجىرىدە  بولدىۋەيران بۇ يۈرەك، لەئلى مارجاندەك چېچىلدى، بولدى سەرسان بۇ يۈرەك. كۈندۈزى كۈنگە بېقىپ، زۇمرەت ساماغا يىغلىدى، كېچىسى تۈنگە كىرىپ غايىب ساداغا يىغلىدى، قەلبىدە گۈر- گۈر كۆيۈپ تۇرغان گۇناغا يىغلىدى، يىغلىدى، سوزدى قولىن، قادىر خۇداغا يىغلىدى، يىغلىدى ئاھ يىغلىدى، بولدى پەرىشا...
  • ياخشى پەزىلەتلىك ئايال

    ۋاقتى: 2017-02-09 ئاۋاتلىقى: 74 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار قاتمۇ قات ئېچىلغان ئەتىرگۈلگە ئوخشايدۇ. بىرى شۇنداق سورايدۇ : قىز بالا شۇنچە ئۇزۇن مەكتەپتە ئوقۇپ ، شۇنچە كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغان بىلەنمۇ يەنىلا ، ئەرگە تىگىپ ، بالا بېقىپ ، تاماق ئىتىپ ، كىر قاتلارنى يۇيۇپ ئاددىي ياشايدۇ ، شۇنداق تۇرسا يەنە ئوقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ مەن مۇنداق ئويلايمەن، خىزمەت ئوخشىسىمۇ كەيپىيات ئوخشىمايدۇ ، ئائىلە ئوخشىسىمۇ ھېس تۇيغۇ ئوخشىمايدۇ ، ئەۋلادلار ئوخشىسىمۇ ، تەربىيلىنىشى ئوخشىمايدۇ . كىتابنى كۆپ ئوقۇپ ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزسىڭىز ، تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىڭىز ئۆزگىرىدۇ ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ ، باغرى يۇمشاق ، ئاقكۆڭۈل ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان ، ئۆزىنى سۆيىدىغان ۋە قىممىتىنى ساقلايدىغان ئادەمگە ئايلىنىسىز. بۇنداق ئايالنىڭ گىرىم قىلمىسىمۇ ھېچ يېرى سەت كۆرۈنمەيدۇ. ئەنگىلىيەلىك مەلۇم يازغۇچى بۇرۇن « دۇنيادا سەت قىز ي...
  • شېئىر پۈتتۈم بۈگىنىڭ ئۈچۈن

    ۋاقتى: 2017-02-09 ئاۋاتلىقى: 55 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەل قەلبىدە شائىرسەن دادا، پەرزەنت ئۈچۈن ھازىرسەن دادا 《زۆھرە》سۈپەت ئاپام قەلبىدە، بىرلا ئاشىق تاھىرسەن دادا . 《ھايات دېگەن ئەنە شۇ 》بىلەن ھاياتىمنى بىلدۈردىڭ ماڭا . 《مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ مەكتەپ》دەپ ، ساداقەتنى سۆيدۈردىڭ ماڭا تۇغۇلۇپسەن 70 يىل ئاۋۋال، يەتمىش ئالتە ئېشىپسەن داۋان قەلىمىڭگە قەدىمىڭ ھەمراھ ، تاشلاپ ماڭدىڭ مىڭلىغان كارۋان، پەرزەنتلىرىڭ ئىزىڭ باسماقچى ، مەن سېنىڭدەك بولالارمەنمۇ شائىرلىقنىڭ قەدەھلىرىگە ، شەربەت بولۇپ تولالارمەنمۇ يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق تۇر، ئاغرىپ قالما، بولغىن سالامەت، شېئىر پۈتتۈم بۈگۈنگە ئەمما يازالمىدىم سەندەك ئالامەت . قۇتلۇق بولسۇن تۇغۇلغان كۈنىڭ، ئۆمرىڭ بولسۇن توغراق يېشىدا سەن كەيگەچكە ئۇلۇغلۇق تاجى خەلقىم سېنى ئالدى بېشىغا (دادام مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ 76ياشقا كىرگىنىنى قۇتلۇقلاپ ) مەرىپەت مۇ...
  • روبائىلار (تۇرغۇن يىلتىز)

    ۋاقتى: 2017-02-08 ئاۋاتلىقى: 42 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەقىلنىڭ سېماسى ئەخلاق-پەزىلەت، تېگىنى كۆرسىتەر روشەن قىياپەت. بىلىنەر سىرتىدىن پىشقان مېۋىلەر، كۆكىدىن مەلۇمدۇر ئېسىل زىرائەت. * * * قانداقراق سۆزلەيسەن، ئۆزۈڭدە ھوقۇق، ھالبۇكى، ئۈنۈڭنى چوڭ قىلما ئوشۇق. دۇمباقنىڭ ئاۋازى يارار پەلەكنى، بولغاچقا جۇغى چوڭ، ئىچى بوش-قۇرۇق. * * * ئالدىراپ ئىشىنىپ قىلما نادانلىق، ئويلاشماي دىل بەرسەڭ، ئىشىڭ گۇمانلىق. بىل، ساڭا كەلگۈلۈك ئەمەس يىراقتا، دوستۇڭدىن كېلىدۇ ياخشى-يامانلىق. * * * مېۋىلىك پۇتاقنى بوي يەتكەن ئېگەر، يىراقتىن ئاتقان ئوق تەگمەس يا تېگەر. پىچىقىڭ غىلاپنى كەسسە يانپاشتا، قوۋۇرغاڭ تېشىلەر، يېرىلغاي جىگەر... * * * بىر ئادەم قانداقراق، سۆزىدىن مەلۇم، گېپىنىڭ توقۇغان بۆزىدىن مەلۇم. ھەر كىشى ياشايدۇ تىلى ئاستىدا، زەن قويساڭ، مەنىنىڭ ئۆزىدىن مەلۇم. * * * ناچار دىل ھەر كىمنى رەزىل دەپ ...
  • تىرىشماي تۇرۇپ ئىرىشكىلى بولىدىغان بىردىن بىر نەرسە (قىرىلىق)

    ۋاقتى: 2017-02-05 ئاۋاتلىقى: 50 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يەر ھامان بىر كۈنى بىزنى يەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمى يەر، گەرچە بۈگۈن بىز ئۇنىڭ ئۈسىتگە دەسسەپ تۇرساقمۇ ئۇ بىزنىڭ ئەمەس، بەلكى بىز ئۇنىڭ . تەقدىر پۇتۇڭنى سۇندۇرۋەتسە ئۇ ساڭا ئاقساپ مېڭىشنى ئۈگىتىدۇ مانا بۇ ھايات ، ئاقساپ مېڭىشنى خالىمايسەن ئەمما ئۇنىڭغا مەجبۇرسەن مانا بۇ تەقدىر . دۇنيادا تىرىشماي تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان بىردىن بىر نەرسە قېرىلىق . يۈزى گۈزەلگە 40 كۈندە تويۇپ قالىسەن، ئەمما قەلبى گۈزەلگە 40 يىلدىمۇ تويمايسەن . ھېچكىم سېنىڭ جاپالىرىڭغا دىققەت قىلمايدۇ، بىراق خاتالىقلىرىڭغا دىققەت قىلىدۇ، كۆڭلۈم رەنجىدى سەندىن دەيدۇ كۆڭلۈڭ رەنجىدىمۇ مەندىن دەپ سوراپ قۇيمايدۇ مانا بۇ ئىنساندىكى ئاجىزلىق . دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ھەمرا سېنى خاتالىقىڭ بىلەن سۆيگەن باشقىلار سىنى قارا دېسىمۇ ئۇ سېنى ئاق دەپ يالغۇز تاشلاپ قويمىغان ئادەمدۇر . دوستلۇق بىر دەرەخكە ئوخشاش سايىسى چۈشسىلا ھېساپ ئەمەس ، يى...
  • سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ۋەدىڭىز (ھىكايە)

    ۋاقتى: 2017-02-05 ئاۋاتلىقى: 43 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    پادىشاھ قاتتىق سوغۇق كېچىلەرنىڭ بىرىدە قەسىرىگە قايتىپ كەپتۇ ، ئۇ دەرۋازا تۇۋىدە يېلىڭ كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرغان ياشانغان دەرۋازىۋەننى كۆرۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن : توڭلىمىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ . دەرۋازىۋەن : ھەئە ، توڭلاۋاتىمەن بېراق سوغۇقتىن دالدا بولغىدەك قېلىن كىيىملىرىم يوق شۇڭا بۇنىڭغا چىدىماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق دەپتۇ . پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ : مەن ھازىر قەسرىمگە كىرىپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ بىرىگە سىزگە قېلىنراق كېيىم ئەچىقىپ بېرىشىنى تاپىلايمەن دەپ ۋەدە بېرىپ كېتىپ قاپتۇ . دەرۋازىۋەن بوۋاي پادىشاھنىڭ بۇ ۋەدىسىدىن ناھايىتىمۇ بەك خۇشال بوپتۇ، لېكىن پادىشاھ قەسىرىگە كىرىپلام بوۋايغا قىلغان ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ . ئەتىسى ئەتىگەندە كىشلەر دەرۋازىۋەن بوۋاينىڭ سوغۇقتا توڭلاپ بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقانلىقىنى ، ئۇنىڭ يان تەرىپىدە « پادىشاھ ئالىيلىرى !!! مەن ھەر كۈنى كېچىسى سوغۇققا...
  • بىراۋغا ئالدىراپ باھا بەرمىگىن (شېئىر)

    ۋاقتى: 2017-02-01 ئاۋاتلىقى: 41 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    باشلىرىڭ مەنسەپتە كۆككە يەتسىمۇ، تەغدىرىڭ ھەتتاكى سۇلتان ئەتسىمۇ، بوسۇغاڭ ئالتۇندىن بولۇپ كەتسىمۇ، بىراۋغا ئالدىراپ، باھا بەرمىگىن. دەرت كەلسە قايغۇنى ئاندىن بىلەرسەن، كۆزۈڭ ياش تۇرسىمۇ ئاچچىق كۈلەرسەن، زورىغا ئۆزۈڭنى ئالداپ ئۆتەرسەن، بىراۋغا ئالدىراپ، باھا بەرمىگىن. سەن تېخى ئۇلاردەك ياشلار تۆكمىگەن، ئەلەمنى زەھەردەك كۈچەپ يۈتمىگەن، ھاياتنىڭ قىرىدىن تېخى ئۆتمىگەن، بىراۋغا ئالدىراپ، باھا بەرمىگىن. بۇ تەغدىر ئىشلارنى قىلىدۇ تالاي، بۈگۈنى شاھ بولغان ئەتىسى مالاي، كەپىمۇ بىر كۈنى بولۇركەن ساراي، بىراۋغا ئالدىراپ، باھا بەرمىگىن. نامراتنى كۆرگەندە قاپاقنى تۈرمە، كىبىردە مەيدەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرمە، كەلسە گەر ئامىتىڭ داملاپمۇ يۈرمە، بىراۋغا ئالدىراپ، باھا بەرمىگىن. مۇھتاجلىق ساڭىمۇ كېلىپ قالماسمۇ، گۈللۈرۈڭ بىر كۈنى توزۇپ سالماسمۇ، قىش كېلىپ بېغىڭدىن يازنى ئالماسم...
  • غۇلجىنىڭ دەردى (پەرىدە ئىسمايىل) ئاتۇش

    ۋاقتى: 2017-02-01 ئاۋاتلىقى: 36 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يىغلىما سايرامنىڭ تاشقان جاملىرى ، يىغلىما ئ‍اي تولغان سۈكۈتلۈك ئ‍اخشام. يىغلىما غۇلجىنىڭ خۇش چاخچاقلىرى، تەڭرىنىڭ رەھمىسى گاھىدا قارام. يىغلىما خانتەڭرى قەددىڭدە تىك تۇر ، يىغلىما ناراتنىڭ شەمشاد تاغلىرى ، يىغلىما ئ‍ەخمەتچان قەھرىڭدە چىڭ تۇر، يىغلىما ئ‍المىلىق ئ‍ېلى باغلىرى ، يىغلىما سەنەۋەر ئ‍ۇقۇ جەڭگىۋار، خەلقىمىز قەلبىگە مەلھەم ناخشىنى ، خەلقنىڭ سۆيگۈسى مۇستەھكەم سېپىل، ‍ ئ‍ەتىكى غۇلجىلنىڭ گۈلگۈن ئ‍اسمىنى ، يىغلىما ئ‍اھ... خەلقىم ،يىقىتمىسۇن غەم، ئ‍ەتىگە كېرىكى تېخىمۇ بەردەم. غەيرەتتە تۇرايلى تۈرۈلسۇن بىلەك ، مېھرىلىك دىللارنى قىلايلى بىز جەم. يىغلىما سەۋرى قىل ماتەم تۇتقانلار ، ئ‍ەزرائىل قولىدا جاننى ئ‍ۇتقانلار ، ھىچقاچان ھىچ كىشى قالماس يۆلەكسىز، ھەممىمىز قېرىنداش ،ئ‍ۇرۇق تۇغقانلار ، قايغۇدىن كۈچ ياساپ ياسايلى سېپىل! بىر نىيەت بى...
  • مۇزلىغان شەھەر (ئابدىرېھىم ئۆتكۈر)

    ۋاقتى: 2017-01-31 ئاۋاتلىقى: 154 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق، مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق، بۇلۇڭ-پۇچقاقنى قويماي چارلىدى، قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق. كۈننىڭ ئەسىرى يوق ، ھاۋا تۇمانلىق، يەرلەر تىترىشۇر ، مۇزلىغان جانلىق. ھەرنە شادلىقتىن جۇدادۇر ھايات، ئاڭلىنۇر ھەر ئۈن مۇڭلۇق ، پىغانلىق. كۆزلەر غەزەپلىك ، قاپاقلار تۈرۈك، ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك. مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ، ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك. تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك، چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۇك. مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق، قوللار سۇنۇلغان ، بويۇنلار بۈكۈك. دۇقمۇش-دۇقمۇشتا چۇلاق كەتمەنلەر، دۇغدىيىشىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر. پارچە نانغا زار ، تېلىققان كۆزلەر، چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر. مۇزلامىش شەھەر ، مۇزلامىش ھېسار، قۇۋۇقلار سۇنۇق ، كونا بىر مازار. شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار، ئۇزۇق ئىزدىشىپ قىلىدۇ ...
  • ئانىلارنى سىلكىمەڭلار بالىلار (شېئىر)

    ۋاقتى: 2017-01-31 ئاۋاتلىقى: 52 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئانىلارنىڭ دۇئاسىنى ئوق دەيدۇ. ئانىلارنىڭ قارغىشىدىن قوق دەيدۇ. ئانىلاردىن ئۇلۇغ ئىنسان يوق دەيدۇ. ئانىلارنى سىلكىمەڭلار بالىلار. ئۇ ياشاندى سىلەر بىلەن تەڭ ئەمەس. زاكۇنلىشىش يېڭىدىغان جەڭ ئەمەس. رەنجىتىشتىن ھەرسۆزۈڭدە بول پەخەس. ئانىلارنى سىلكىمەڭلار بالىلار. قىلغانلىرى ئورۇنسىز گەپ بولسىمۇ. چوقان سېلىپ مىڭەڭنى يەپ بولسىمۇ. ئىچىڭ ئاچچىق زەرداپلارغا تولسىمۇ. ئانىلارنى سىلكىمەڭلار بالىلار. ياش پەرقى بار پىكىرچىقماس بىريەردىن. ئۇ سۆزلەيدۇ ئۆزى بىلىپ ھەر يەردىن. ئامان بولسۇن بالام دەيدۇ خەتەردىن. ئانىلارنى سىلكىمەڭلار بالىلار. ئۆتنە ئالەم بۇ ھاياتلىق ھەممىگە. نىسىۋىسنى ئېلىپ يىتەر پەللىگە. كاج قېرىلىق يىتەر ئىنسان ئەھلىگە. ئانىلارنى سىلكىمەڭلار بالىلار. قارا پاختا -ئاپپاق قاغا دىسىمۇ. پايپىغىنى كاللىمىزغا ئىلسىمۇ. چوڭ دىمەستىن يۈزىمىزنى تىلسىمۇ. ئانىلارنى سىلك...
  • شېئىر (ھىچكىم) ئابدۇقادىر جالالىدىن

    ۋاقتى: 2017-01-31 ئاۋاتلىقى: 64 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئالدىمدا يانىدۇ ئۈستەل چىرىغى، بۇ كەبى يانمۇ - يان يانالماس ھېچكىم . جىگدىدەك ئەرزان ھەم سۇنۇق كۆڭلۈمنى، غەرەزسىز بالىدەك ئالالماس ھېچكىم . تەنھا ئاخشاملاردا مەن بارغان چۆلگە، تاپاننى قان قىلىپ بارالماس ھېچكىم . بىردىنلا يامرىغان قىيانلىرىمغا، ئۈلگۈرۈپ توغانلار سالالماس ھېچكىم . چۆچۈگەن قۇشلاردىن سىلكىندى شاخلار، شاخلارغا ئاي بولۇپ قونالماس ھېچكىم . چاقىرسام خىيالىم ۋادىلىرىغا، مەن بىلەن سىردىشىپ تۇرالماس ھېچكىم. نىچۈن مۈشۈكلەرنىڭ ئارخىپلىرى يوق؟ نىچۈن گۈل ئۆسمەيدۇ پۇچۇق تاملاردا؟ نىچۈن بىزگە دىمەي ياغىدۇ يامغۇر؟ نىچۈن توختىمايدۇ باھار باغلاردا؟ ئەڭ ئامراق نەرسىنى ئۇنتۇپ بالىلار، نىچۈن بەخىرامان كۆرەلەيدۇ چۈش؟ نىچۈن ئاغرىنىسەن سۆيگەن ئادەمدىن؟ نىچۈن مۇمكىن ئەمەس ئازاپسىز ئۆتۈش؟ قانچە يۈركەنسەڭمۇ قاچساڭمۇ قانچە، كىم سىنى كۈتىدۇ ئۈلۈمدەك تەمكىن؟ قېنى كىم ...
  • ۋاقىت يوق (شېئىر)

    ۋاقتى: 2017-01-31 ئاۋاتلىقى: 31 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تۇرمۇش دېدۇق ئالدىراش، توختايدىغان ۋاقىت يوق. قەدىناسنى تۇققاننى ، يوقلايدىغان ۋاقىت يوق. يۇرت مەھەللە يېتىملەر، تەلمۈرسىمۇ كۆزلەرگە. ئۈزىمىز يەپ شۇلارنى، توقلايدىغان ۋاقىت يوق. خىزمەت دېدۇق پۇل دېدۇق كېچە كۈندۈز توختىماي. سالامەتلىك نە كېرەك، ئۇخلايدىغان ۋاقىت يوق. ئۆينى سالدۇق قوش قەۋەت قوشنىلاردىن قېلىشماي . ئېگىز ئۆرلەپ ئاستىنى، مىخلايدىغان ۋاقىت يوق. ھەپتىدە بىر كەلسىمۇ، دەم ئېلىشنىڭ كۈنلىرى. پەرزەنت ئۈچۈن قېرىنداش ، ئۇچلايدىغان ۋاقىت يوق. ئۈندىداردا ياتلارنى، يوقلاپ تۇرۇپ ھەمىشە. ئايدا يىلدا ئۆزىنى، سوتلايدىغان ۋاقىت يوق. بىز مۇشۇنداق ئالدىراش ، ھەممە ئىشقا ۋاقىت يوق. بىراق جاھان ئىشىنى، ئۇقمايدىغان ۋاقىت يوق. ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن ، ئافرىقىنى سۆكىمىز. ياتسا پەقىر پۇتلۇشۇپ، يۈلۈشۈشكە ۋاقىت يوق. كۈندە ۋايساپ ھەممىدىن، دەرد ئەلەم...
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سوئاللار؟؟

    ۋاقتى: 2017-01-31 ئاۋاتلىقى: 843 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سوئالنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئەتراپىڭىزدىكى ئىگىلىك تىكلەۋاتقان قېرىندىشىڭىز، بۇرادىرىڭىز، يۇرتدىشىڭىزدىن مۇشۇنداق بىزار سوئاللارنى بىلىپ-بىلمەي سوراپ سالدىڭىز …… قانچىلىك پۇل تاپتىڭ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ يولغا كىرگەنلەردىن قانچىلىك پۇلنى مەبلەغ سالدىڭ ، قىينالدىڭمۇ دەپ سورىشىڭىز كېرەك. …… پۇلمۇ تاپتىڭ، مېھمان قىلارسەن؟ پۇل تېپىش ئەگەر سىز كۆرگەندەك ياكى ئاڭلىغاندەك ئۇنچە ئوڭاي بولسىدى، ھەممە ئادەم مۇشۇ يولدىلا يۈرگەن ، ھېچكىم مۇقىم خىزمەتچى بۇلۇپ يۈرمىگەن بولاتتى. …… سەن ئۆزگىرىپ كەتتىڭ جۇمۇ، ئىزدىمەسلا بولدۇڭ! ئۆزگەرگىنى يوق، ئىزدىيەلمىگىنى راست. بەلكىم سىز دوستلىرىڭىز بىلەن ئىسسىق چايخانىدا ھال-مۇڭ بولۇۋاتقاندا ئۇ سرتتا قار دەسسەپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن… سىز ئەتىگىنى تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقىنىڭىزدا ، ئۇ ئاللىقاچان ...
  • ئۆمۈر مەنزىلى:(ئابدىرېھىم ئۆتكۈر)

    ۋاقتى: 2017-01-28 ئاۋاتلىقى: 35 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن ، سۆڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بوپتىكەن . نە ساۋاب نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا ، گۇناھىم ھەقدارغا يېتىپ بوپتىكەن. ‏ دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە ، ئۇ مېنى ياتلارغا سېتىپ بوپتىكەن . كۆزلىرىم كور ئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن ، غەپلەتتە باھارىم كېتىپ بوپتىكەن . ‏ مەن نادان ، نادانمەن يىللار ئالدىدا ، نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بوپتىكەن . ھوشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما ، كۈن مېنى ساقلىماي پېتىپ بوپتىكەن. ‏ گۈل نىمە؟ نە تىكەن قەدرىنى بىلمەي ، ياخشىلار مېنىڭدىن كېچىپ بوپتىكەن . ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قولۇم سۇنغاندا ، يەتمىدى بەك يىراق كېتىپ بوپتىكەن . ‏ سىرلىرىم بارمىكىن دەپتىمەن ئەسلى ، سىرىمنى رەقىپلەر ئېچىپ بوپتىكەن . مەس ئىكەن يۈرەگىم دەرت پۇشايماندىن...
  • كىشىگە ياخشىلىق،ئۈزىگە ناشتىلىق(ھىكايە)

    ۋاقتى: 2017-01-28 ئاۋاتلىقى: 34 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بىر گۆش پىشىقلاپ ئ‍ىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان بىر خانقىز ئىكەن . بىر كۈنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى تاماملاپ ئادەت بۇيىچە توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا كىرىپ ئايلىنىپ تەكشۈرۈش باشلاپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن قانداق بولغان توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ئىشىكى سۇلىنىپ قېلىپ خانقىز ئىچىدە قاپتۇ . بۇ خانقىز ۋاقىراپتۇ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشكىنى ئۇرۇپتۇ ، يىغلاپتۇ . ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم ئاڭلىماپتۇ . چۈنكى بۇ چاغدا زاۋۇتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن . توڭلىتىش ئىسكلاتى ئىچىدە ئادەم بارلىقى كىمنىڭ خىيالىغا كەلسۇن ؟ ۋاقت ئۆتىۋىرىپتۇ ، خانقىز بارغانسىرى ھالسىزلىنىپتۇ ، جېنى ھەلقۇمغا كېلەي دىگەندە مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ ، ئەسلىدە زاۋۇتنىڭ قاراۋۇلى ئىشكنى ئېچىپ كىرىپ ، ئۇنى قۇتقۇزۋاپتۇ . بۇ قىز ھوشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ...
  • شېئىر (بارمۇ) فەرۇق ئۇدۇنى

    ۋاقتى: 2017-01-28 ئاۋاتلىقى: 34 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ‏‏مۇزلىسام چوغ بولۇپ يانارلار بارمۇ؟ 

    چاڭقىسام سەل بولۇپ ئاقارلار بارمۇ؟ ‏

    ھاياتنىڭ يوللىرى ئەمەسكەن تەكشى، ‏

    يېقىلسام ئىللىق قول سۇنارلار بارمۇ؟؟؟ ‏ 

    ‏قاپلىسا دىلىمنى ھىجران ۋە ھەسرەت، 

    ‏ۋىسالىم قۇشلىرى قونمىسا يەكلەپ، ‏

    ھەر نەپەس قېشىمدا كۆڭلۈمنى بەزلەپ، ‏

    دەردىمگە مۇڭدىشىم بولارلار بارمۇ؟؟؟ ‏ 

    ‏‏يولۇمدا داۋان كۆپ گەر قالسام ھېرىپ، 

    ‏يېقىلسام ئاشالماي باشلىرىم قېيىپ، ...

  • تۇققان(ئابدىرېھىم ئۆتكۈر)

    ۋاقتى: 2017-01-27 ئاۋاتلىقى: 104 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بىر قورادا بىربۆشۇكتە چوڭ بولدۇق،

    چوڭ بولغىچە كۆپ ئىشلارنى تەڭ كۆردۇق.

    ئىشەك مىنىپ جەڭ ئويندۇق بىر چاغلار،

    دادام ئىشەك بولۇپ بەرسە بىز مىندۇق.

    كونا ئىدى ئولتۇرغان ئۆي بەك سوغاق،

    بىر يوتقاندا تەڭ ياتقانتۇق يوتقان يوق.

    ئوماچقىمۇ زار بولغانتۇق بىر چاغلار،

    باشاقنمۇ تېرگەنتۇق ئاش نان يوق،

    ئىسىڭگە ئال شۇ كۇنلەرنى بىر تۇققان.

    يەتكەن ئىدى شۇ كۇنلەردە بىر يوتقان،

    تىزىپ قويد...

  • نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە (نۇرتاي ئابدىرېھىم)

    ۋاقتى: 2017-01-27 ئاۋاتلىقى: 53 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    يۈرۈكۈم سوقۇدۇ ھەر كۈنى ئەنسىز،

    دۇنياغا ئالدىنىپ ياشاشتىن غەمسىز.

    ئۆلۈمنىڭ كەلـمىكى ئىكەن قەرەرسىز،

    نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.

    ئەمەلسىز يۈرىمىز گۇناھقا پىتىپ،

    مال ساتساق نەپ ئالدۇق يالغاننى قىتىپ،

    قىز-ئوغۇل نىكاھسىز ياتاقتا يىتىپ، 

    نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە. 

    پىتىشماي ئۆز ئارا غاجىشىپ يۈردۇق، 

    دوسىت دۈشمەن ئايرىماي ئادىشىپ يۈردۇق، 

    بۇر...

  • ئۈزىڭىزنى تەڭشەپ ياشاڭ (فاتىمە)

    ۋاقتى: 2016-10-18 ئاۋاتلىقى: 246 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تەڭشەلمىگەن پىسخىكىنىڭ يەنە بىر زىيىنى نېمە؟ تەڭشەلمىگەن تەن! ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش دېگەن گەپ بالا ئوغرىلىرى ئوغۇرلاپ كەتكەندەك يوقىلىپ كېتىش دېگەن گەپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەي تاشلىۋىتىپ، ۋۇجۇد ۋە يۈرىكىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىپ خۇددى تىرىك ئۆلۈكلەردەك ياشاش دېمەكتۇر. ھەل بولمىغان پىسخىك مەسىلىلىرى يۈرەككە قان ئۇيۇتۇپ، بەدىنىمىزنى پالەچ قىلىپ، ئاغرىقنىمۇ سەزمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن بىلەن روھ ئايرىلىپ كېتىدۇ، روھىمىزغا كېرەك بولغاننى بەدىنىمىز قىلمايدىغان، بەدەنگە كېرەك بولغان ياخشى ئىشلارنى روھىمىز چەتكە قاقىدىغان بولىۋالىدۇ. مانا بۇ دەل ئۆزى بىلەن چىقىشىپ ياشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى! بۇنداق كىشىلەرنىڭ ياكى روھىي تەڭشەلمىگەن ياكى ۋۇجۇدى! ياكى ياخشىلىقىنى ياخشىلەقتەك ئېتىراپ قىلمايدۇ ياكى يامانلىقىنى يامانلىقتەك! نەگىلا بارسا ساڭگىلاپ تەڭشەلمەي ...
  • بىز ھامكارلىققا مۇھتاج (پەخىردىن قارلۇق)

    ۋاقتى: 2016-10-13 ئاۋاتلىقى: 268 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئوقۇرمەنلەر بۇ يازمىدىكى لىكسىيە 2005- يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا پەخىردىن قارلۇق باشچىلىقىدا ئۆتكىزىلگەن گەرچە 15يىل بولغان بولسىمۇ قايتا ئوقۇپ ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ بىز كۆز ئالدىمىزدىكى شەخس بىلەن تۈركۈم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇق شۇ زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەردە جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بىز بۇ يەردە ئۈمىد ۋە ئىرادە توغرىسىدا، ئەقىدە، ھەمكارلىق ۋە مۇۋەپىقىيەت توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمىز. بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى بىزگە ھەمكار بولۇپ كېلىۋاتقان گۇمان ۋە تېڭىرقاش ئۈستىدىن، بىزنى چىرمىۋالغان چۈشكۈنلۈك، بېكار تەلەتلىك، غايىسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچىمىز. بىر زۆرۈرىيەت بىزنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. بىز بۇ يەر...
  • ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك كىشلەردىن بۇلايلى

    ۋاقتى: 2016-09-16 ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەسقەجان ئەلسۈيەرنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيىلىك كىشىلەردىن بولايلى دىگەن ماقالىسى ھۈزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى ئۈزۈمنىڭ پىسخولوگىيەگە قىزىققانلىقىمدىن دائىم كىشىلەرنىڭ يۈرۈش تۇرقى ھەرىكىتى ۋە پوزىتسىيىسىگە ئىنچىكلىك بىلەن دىققەت قىلىپ كەلدىم بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى ئوخشىمىغان كەيپىيات ئوخشىمىغان تۇرقنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇنداقلا ئوخشىمىغان تۇرۇقمۇ ئوخشىمىغان كەيپىياتنى پەيدا قىلىدىكەن. تۇرمۇشقا قىزغىن پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياشاشقا ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئۈمىدۋار كىشىلەر ئادەتتە، يول ماڭسا بېشىنى كۆتۈرۈپ چوڭ چوڭ قەدەملەر تاشلاپ ماڭىدىكەن سۆز قىلسا ئۆزىنىمۇ ئۆزگىلەرنىڭمۇ ئىلھامتۇرىدىغان ئاكتىپ سۆزلەرنى قىلىدىكەن ئاغزىدىن ئالدىراپ قاقشاش تۈسىدىكى پاسسىپ سۆزلەرنى چىقارمايدىكەن. ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن كەيپىياتىدىكى كۆتۈرەڭگۈلۈكنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدىكەن .مەن تۇرمۇشقا مۇشۇ خىل پوزىتسىيە مۇئام...
  • پارلاق كىيىم تىككۈچىنىڭ تەپەككۇرى (ھىكايە) ئىلان بار

    ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 974 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    غۇلجا شەھىرى سۇبىھى سودا سارىيى ئىچىدە ئۈچ كىيىم تىككۈچى دۇكان بولۇپ بۇ دۇكاننىڭ ھەممىسى داڭلىق دۇكانلار ئىكەن، ئۇلار خېرىدارلارنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىپ تىجارەت سوممىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۈچ دۇكاننىڭ خوجايىنلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ھەرقايسىسى ئۆز دۇكىنىڭ ئالدىغا، بىر دانىدىن ئېلان تاختا چىقىرىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا ئەڭ ئالدى بىلەن ئېسىلغان ئېلان تاختىسىغا، كۆزگە چېلىقىدىغان قىلىپ، بۇ دۇكاندا غۇلجا شەھىرى بويىچە ئەڭ ياخشى كىيىم تىككۈچى بار دەپ خەت يېزىلىپتۇ، يەنە بىر دۇكاننىڭ خوجايىنى بۇ ئېلان تاختىسىنى كۆرۈپ، ئۆز سودىسىنىڭ كاساتلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ ۋە ئۇمۇ ئۆز دۇكىنىڭ ئالدىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئېلان تاختىدىن بىرنى ئېسىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇ دۇكاندا شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ياخشى كىيىم تىككۈچى بار دېگەن خەتنى يېزىپ قويۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۈچىنچى دۇكاننىڭ خوجايىنىمۇ چوقۇم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېلان تاخ...
  • تەرمىلەر 3 (شىئىر)

    ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 658 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆمۈر مەنزىلى يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن،

    سۆڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بوپتىكەن.

    نە ساۋاب نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا،

    گۇناھىم ھەقدارغا يېتىپ بوپتىكەن.


    دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە،

    ئۇ مېنى ياتلارغا سېتىپ بوپتىكەن.

    كۆزلىرىم كور ئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن،

    غەپلەتتە باھارىم كېتىپ بوپتىكەن.


    مەن نادان ، نادانمەن يىللار ئالدىدا،

    نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بوپتىكەن.

    ھوشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما،

    كۈن مېنى ساقلىماي پېتىپ بوپتىكەن.


    گۈل نېمە؟ نە تىكەن قەدرىنى بىلمەي،

    ياخشىلار مېنىڭدىن كېچىپ بوپتىكەن.

    ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قولۇم سۇنغاندا،

    يەتمىدى بەك...

  • ئىديە ۋە خارەكتىر

    ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 421 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    (ئىديەنىڭ كىشىگە بولغان تەسىرى) غەربتە بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىنى بەلگىلەيدۇ دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك سۆزبار. بۇ سۆز كىشىلىك ھاياتنىڭ بارلىق تەرجىمىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى مۇپەسسەل چۈشەندۈرگەن بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى ئۇيى ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە ئەينەن ئەكسى ئىتىدۇ، بۇنىڭغا شۇ ئادەمنىڭ بارلىق ئىدىيەلىرى قوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ھەم مول خاراكتېرىنى شەكىللەندۈردۇ، ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى بولمىسا مايسىنى ساغلام ئۆسۈشى بولمىغانغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ گەپ سۆز يۈرۈش تۇرۇشلىرى قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئىدىيە ئۇرقىنىڭ بىخلىنىشىدىن بارلىققا كىلىدۇ .مەيلى تەبىئىي ياكى باش قاتۇرۇپ قىلغان ھەرىكەتلىرى بولسۇن مۇشۇنداق جەرياندىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەگەر ھەرىكەت ئىدىيە ئېچىلدۇرغان گۈل دېيىلسە ئۇنداقتا خۇشاللىق بىلەن ئازاب ئوقۇبەتنى ئىدىيەنىڭ ھاسىل قىلغان مېۋىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال...
  • كىمىڭ باركىن (شىئىر)

    ۋاقتى: 2016-07-06 ئاۋاتلىقى: 1020 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كىمىڭ باركىن كۆزۈڭدىن ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻳﺎﺷﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ؟ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﻏﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﺷﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ, ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭﺩﯗﺭ, ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﮕﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯩﺘﺮﻩﺷﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺋﯜﻧﻰ, ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺗﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺴﺎ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺗﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﺪﻩ, ﺯﺍﺭﯨﯖﻐﺎ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﻣﯘﯕﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﯓ, ﻛﯚﺯﯛﯕﺪﯨﻦ, ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﯖﺪﯨﻦ ﺳﯧﺰﯨﺸﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ? ﺳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﺮﯨﯔ, ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯔ ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ, ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺑﺎﻏﻼﭖ, ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ, ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺗﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﻠﻪﺭ, ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺴﺎﯓ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺧﯩﻴﺎﻝ, ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﯞﯨﺴﺎﻝ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﯩﻤﯩﯔ ﺑﺎﺭﻛﯩﻦ?! ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻳﯧﺸﯩﯔ ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﺘﻪ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ, ﺷﯘ ﻧﯘﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻳ...
  • قۇتقۇزۋىلىنغان ئۆسمۇر (ئىشەنچنىڭ كۈچى)

    ۋاقتى: 2016-07-02 ئاۋاتلىقى: 476 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بىر دوختۇر داۋالاۋاتقان كېسەللەر ئىچىدە، ھوشىدىن كېتىپ ئېسىگە كېلەلمىگەن، 16 ياشلىق بىر قىزچاق بار ئىدى، قىزچاقنىڭ ئاتا ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ مۇشۇ باش قېتىنچىلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن ئىدى، دوختۇر بۇ قىزچاقنىڭ يېقىن يىراقتىن تۇغقانلىرىنى، ياخشى ئۆتىدىغان قولۇم قوشنىلىرنى نەق مەيدانغا چاقىرتىپ ئەكىلىدۇ، دوختۇر قىزچاققا دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بالا ئەتە ئەتىگەنگە بارمايدۇ، بىراق گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام، بىر دوختۇرنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا، بۇ بالا ئۆلۈپ كەتمەي ياشىشى كېرەك، ھازىر بۇ بالىدا پەقەتلا مەۋجۇتلۇق ئېڭى كەمچىل، بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغان ئىشىمىز، ئۇنىڭغا دەرھال قان بېرىش دىدى. ئۇنىڭ بىشىدا قاراپ تۇرغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى قان تەقدىم قىلىشقا رازى بولۇشتى، بىراق دوختۇرنىڭ قان بېرىش دېگىنى، تومۇردىكى قان ئەمەس ساغلام تەپەككۇر تەقدىم قىلىشنى كۆرسىتەتتى....
  • كىتابنى دوس تۇتايلى (شېئىر)

    ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 914 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كىتاپلارنى ئۆيلەرگە گۈلدەك تىزساق نىم بولا ، شۇ كىتاپتىن كۆڭۈلگە ئ‍وزۇق ئ‍الساق نىم بولا . ئ‍ۇنى كۆرۈپ جاناندەك سۆيگۈ بەرسەك نىم بولا ، مۇھەببەتنى كىتاپتىن ئ‍ىزدەپ باقساق نىم بولا ،
    مۇھەببەت دەپ بىرمەھەل يۈرۈپ كەتتۇق قوغلۇشۇپ ، جاناننى دەپ ھەم يەنە قالدۇق بەزەن كورلۇشۇپ . شۇ ۋەجىدىن بىلىمگە ئ‍ىشتىياقمۇ سۇسلۇشۇپ ، بىلىم ئۈچۈن مۇھەببەت باغلاپ باقساق نىم بولا .
    چىقىپ كەتتى كىتاپلار ھەممىزنىڭ ئ‍ىسىدىن ، ئ‍ايرىمايدۇ ئ‍ۆزگىلەر شۇ كىتاپنى يىنىدىن . ئ‍ەزىز كۆرەر ئ‍ۇنى ھەم ،يەۋاتقان شۇ ئ‍ىشىدىن ، بىزلەردىمۇ شۇنداق ئ‍اڭ ،پەيدا بولسا نىم بولا .
    ئ‍ۆزگە ئ‍ەللەر كىتاپسىز ئ‍ۆتكۈزمەسكەن...
  • بىلوگ يازىمەن

    ۋاقتى: 2016-06-29 ئاۋاتلىقى: 592 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلاردىن (ئالىم ساۋۇت)نىڭ ئوتلۇق يۈرىكى ئارام مەن بىلوگ قۇرۇپ ﮔﻮﻳﺎ تەنھالىقىمدا سىرداش ھەمرا ۋە ماڭىلا مەنسۇپ دۇنيا تىپىۋالغاندەك شاتلىققا چۆمدۈم ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎسى، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ، ﺋﯚﺯ ﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ بۇلۇشىنى ۋە ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯧﺰﻩﺵ ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺶ ﺑﻮلمىسا كىرەك مەن ئىنتىرنېت دۇنياسىدا ئۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قىممىتىنى نامايەن قىلىش بىلوگ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯚﺯۈمنىڭ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﺮى ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﺮﻯ ئۈستىدە تەلقىن قىلىش ۋە ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئورتاقلىشىشنى قەلىپكە پۈكۈپ (تىرىشقىن بىلوگ) نى قۇردۇم بىلوگ قۇ...
جەمئىي 1 بەت/31پارچە ئۇچۇر